ئامېرىكا: سۈرىيە تىنچلىق سۆھبەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش ھازىرچە قىيىن

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچى مارك تونىر جەنۋەدە سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەر بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشنىڭ قىيىنلىقىنى بىلدۈردى.

510397
ئامېرىكا: سۈرىيە تىنچلىق سۆھبەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش ھازىرچە قىيىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارك تونىر سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىنى جەنۋەگە ئېلىپ بېرىشنىڭ ھازىرچە  قىيىن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

مارك تونىر كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىن ئۆتكۈزۈپ سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش ئۈستىدە توختالدى. سۈرىيە كىرزىسىگە چارە تېپىش ئۈچۈن پىلانلانغان سىياسىي ئۆتكۈنچى لايىھەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ھازىرچە تەس ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتكەن تونىر مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي سۈرىيەدە بۇ يىل 1-ئاۋغۇستتا سىياسىي ئۆتكۈنچى لايىھەنىڭ رەسمىي ئەمەلىيلىشىشكە باشلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى، بىراق نۆۋتتىكى ئەھۋالغا قارىغىنىمىزدا بۇ ھەقىقەتەن تەس.»

سۈرىيەدىكى كىرزسلەرگە چارە تېپىش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان باياناتچى تونىر، نۆۋەتتىكى ئەھۋالنىڭ ئويلىغاندەك بولمىسىمۇ لېكىن ياخشى تەرەپكە قاراپ مېڭىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

جون كېررىي بۇ يىل 3-مايدا بايانات بېرىپ، 1-ئاۋغۇستقىچە سۈرىيەدە سىياسىي ئۆتكۈنچى لايىھەنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە باشلاشنى نىشان قىلغانلىقلىرىنى ئېيتىپ، يېقىن كەلگۈسىدە سىياسىي ئۆتكۈنچى لايىھە ئەمەلىيلەشمىگەن تەقدىردە، باشقىچە يول تۇتۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر