بۇ قېتىمقى ئامېرىكا پىرىزېدېنتلىق سايلاملىرى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە

بۇ يىل ئۆتكۈزۈلىدىغان ئامېرىكا پىرىزېدېنتلىق سايلاملىرى بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.

507373
بۇ قېتىمقى ئامېرىكا پىرىزېدېنتلىق سايلاملىرى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا بۇ يىل نويابىر ئېيىدا ئۆتكۈۈزلىدىغان پىرىزېدېنتلىق سايلىمىدا كىلىنتون بىلەن تىرامپ رىقابەتلىشىدۇ.

رەقىبلىرىنى مەغلۇپ قىلغان سابىق ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىلارى كىلىنتون ئامېرىكا تارىخىنىڭ تۇنجى پىرىزېدىنت نامزاتى، كارخانىچى دونالد تىرامپ بولسا 60يىلدىن بۇيان تۇنجى سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى بولماي تۇرۇپ پىرىزېدېنت نامزاتى بولغان كىشى بولۇش ئالدىدا تۇرماقتا.

ئامېرىكىدا 8-نويابىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان 58-نۆۋەتلىك پىرىزېدېنتلىق سايلاملىرىنىڭ 1-فېۋرالدا لوۋا ئىشتاتىدا باشلىغان تەييارلىق سايلام باسقۇچى 14-ئىيۇندا دېموكراتىيە پارتىيەسىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگىتوندىكى تەييارلىق سايلاملىرى بىلەن ئاخىرلاشتى.

دېموكراتىيە پارتىيەسىنىڭ نامزاتى ھىلارى كىلىنتون بىلەن جۇمھۇرىيەتچى پارتىيەنىڭ نامزاتى تىرامپ بۇرۇنقى پىرىزېدېنت نامزاتلىرىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.

ئامېرىكىنىڭ 240 يىللىق سىياسىي تارىخىغا بىر پارتىيەنىڭ «تۇنجى ئايال پىرىزېدېنت نامزاتى»سۈپىتى بىلەن كىرىشكە مۇۋاپپەق بولغان كىلىنتون، ئامېرىكا پىرىزېدېنتى بولۇپ سايلانغان تەقدىردە ئامېرىكىنىڭ تۇنجى ئايال پىرىزېدېنتى بولۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشىپ تارىخ سەھىپىلىرىگە خاتىرىلىنىدۇ.

ئامېرىكىدا ھەر قانداق بىر سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى بولماي تۇرۇپ پىرىزېدېنت بولۇپ سايلانغان ئاخىرقى كىشى ئېسېنخاۋۇر ئىدى، بىراق ئارىدىن 60 يىل ئۆتكەندىن كېيىن تىرامپ بۇ سالاھىيەتكە ئېرىشتى.

ئامېرىكا تارىخىنىڭ 45-پىرىزېدېنتى سايلىنىدىغان 2016-يىللىق پىرىزېدېنتلىق رىقابىتى، كىلىنتون بىلەن تىرامپقا ئوخشاش پەۋقۇلئاددە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان ئىككى نامزاتنىڭ رىقابىتى سەۋەبىدىن ھازىردىن باشلاپ ئامېرىكا سىياسىي تارىخىنىڭ ئالاھىدە سەھىپىلىرىگە كىرىشكە مۇۋاپپەق بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر