چۈشۈپ كەتكەن مىسىر ئايروپىلانىنىڭ ئورۇن بەلگىلەش ئاپپاراتى تېپىلدى

ئاق دېڭىغا چۈشۈپ كەتكەن مىسىر ئاۋىياتسىيە شىركىتىگە تەۋە ئايرباس ئا320 تىپىلىق يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ جىددىي ئورۇن بايقاش ئاپپاراتى تېپىلدى.

497872
چۈشۈپ كەتكەن مىسىر ئايروپىلانىنىڭ ئورۇن بەلگىلەش ئاپپاراتى تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 19- مايدا پارىژ – قاھىرە ئارىسىدا قاتناۋاتقان ئەسنادا ئاق دېڭىز (ئوتتۇرا دېڭىز) غا چۈشۈپ كەتكەن مىسىر ئاۋىياتسىيە شىركىتىگە تەۋە ئايرباس ئا320 تىپىلىق يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ جىددىي ئورۇن بايقاش ئاپپاراتى تېپىلدى.

ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىش جەريانىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئۇچقۇچى ئەيمەن ئەلمۇقەددەم، ھەرقانداق بىرەر كاشىلا كۆرۈلگەن ھامان ئاپتوماتىك ھالدا ھەرىكەتكە ئۆتىدىغان سىگنال يوللىغۇچى ئاپپاراتنىڭ ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن يەردىن بەش كىلومېتىر ئۇزاق جايدىن تېپىلىپ ئارمىيەگە قاراشلىق ئىزدەش – قۇتقۇزۇش ئەترىتىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى، ئەمما، ئايروپىلاننىڭ قارا قۇتىسىنىڭ ھازىرغىچە تېپىلمىغانلىقىنى ۋە ئۇنى تېپىش ئۈچۈن چەت ئەلنىڭ بىر شىركىتىدىن ياردەم تەلەپ قىلىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

مىسىرنىڭ مەزكۇر ئايروپىلانى 19 – مايدا ئاق دېڭىزنىڭ مىسىر ھاۋا تەۋەلىكىدە راداردىن يوقاپ كەتكەن بولۇپ، ئايروپىلاندا 3 نەپىرى كىچىك بالا بولۇپ جەمئىي 56 يولۇچى بىلەن 10 نەپەر ئايروپىلان خادىمى بار ئىدى. يولۇچىلارنىڭ 30 نەپىرىنىڭ مىسىرلىق، 15 نەپىرىنىڭ فىرانسىيەلىك، ئىككىسىنىڭ ئىراقلىق ،قالغان 9 كىشىنىڭ بولسا ئەنگلىيە، بېلگىيە، كۇۋەيت، سەئۇدى ئەرەبىستان، سۇدان، چاد، پورتۇگالىيە، ئالجىرىيە ۋە كانادا قاتارلىق ئەللەرنىڭ پۇقرالىرى ئىكەنلىكى ئېلان قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر