خىتايدا يوقاپ كەتكەن 33 ئىشچىنىڭ ئىز – دېرىكى يوق

خىتاينىڭ فۇجيەن ئۆلكىسىدىكى تاغ غۇلاپ چۈشۈش ئاپىتىدە يوقاپ كەتكەن ئىشچىلاردىن سەككىزىنىڭ جەسىتى تېپىلدى، قالغان 33 ئىشچىدىن خەۋەر يوقلۇقى بىلدۈرۈلدى.

487333
خىتايدا يوقاپ كەتكەن 33 ئىشچىنىڭ ئىز – دېرىكى يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 8 – ئاپرېل فۇجيەن ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن تاغ غۇلاپ چۈشۈش ۋەقەسىدە يوقاپ كەتكەنلەرنى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش ئىشلىرى داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، سەككىز كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلدى. قالغان 33 ئىشچىنىڭ ئىز – دېرىكى ھازىرغىچە يوق.

بۇ قېتىمقى ئاپەتتە، رايوندىكى ھىدرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى تەخمىنەن 100 مىڭ كۇبمېتىر لاي – لاتقا ۋە تاش پارچىلىرىنىڭ ئارىسىدا قالغان. ۋەقە ئىشچىلار ئۇيقۇدىكى ۋاقتىدا يۈز بەرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر