رۇسىيەمۇ قەدىمىي پالمىرانى بومباردىمان قىلدى

رۇسىيەگە تەۋە كۈرەشچى ئايروپىلانلار سۈرىيەدىكى پالمىرا شەھىرىنى بومباردىمان قىلدى.

459253
رۇسىيەمۇ قەدىمىي پالمىرانى بومباردىمان قىلدى

ئەسەد قىسىملىرى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتقان رۇسىيە، پالمىرادا كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنى ئىشقا سېلىپ دائېش بازىلىرىنى بومباردىمان قىلماقتا.

سۈرىيە ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش مەركىزى ۋە يەرلىك مەتبۇئاتلار، بىردىن ئارتۇق رايوندا دائېشقا قارشى كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

پارتلاش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن شەھەرلەردە بىنالاردىن تۇمانلار كۆتۈرۈلمەكتە، تانكىلارنىڭ ئاۋازلىرى ئاڭلانماقتا.

رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 24 سائەت ئىچىدە دائىشقا تەۋە 158 بازىنىڭ ۋەيران قىلىنغانلىقىنى ۋە 100دىن ئارتۇق دائېش مىلىتانىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

سۈرىيە ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش مەركىزى ئەسەد قىسىملىرى بىلەن رۇسىيەنىڭ تىل بىرىكتۈرۈپ، پالمىرانىڭ قەدىمىي شەھەرچىسى بولۇپ جەمئىي ئۈچتە بىرىنى تارتىۋالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەسەد قىسىملىرى شەھەرنىڭ قەلئەسىنىمۇ دائېشنىڭ قولىدىن تارتىۋالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر