كىلاپپېر: رۇسىيە بىلەن خىتاي ئەڭ چوڭ تەھدىت

ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىستىخبارات ئىدارىسى دىرېكتورى جامېس كىلاپپېر «رۇسىيە بىلەن خىتاي ئامېرىكىغا نىسبەتەن ئەڭ چوڭ تەھدىت شەكىللەندۈرمەكتە» دېدى.

440187
كىلاپپېر: رۇسىيە بىلەن خىتاي ئەڭ چوڭ تەھدىت
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ نوپۇزلۇق تور گېزىتلىرىدىن «ئاكتىپ مېديا»دا چىققان خەۋەردە، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئامېرىكىغا نىسبەتەن ئەڭ چوڭ تەھدىت ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى. خەۋەردە مۇنۇلار قەيت قىلىندى:
ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىستىخبارات ئىدارىسى دىرېكتورى جامېس كىلاپپېر رۇسىيە بىلەن خىتاينى ئامېرىكىغا نىسبەتەن ئەڭ چوڭ تەھدىت دەپ كۆرسەتتى.
جامېس كىلاپپېر ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا قىلغان سۆزىدە «رۇسىيە بىلەن خىتاي ئامېرىكىغا نىسبەتەن ئەڭ چوڭ تەھدىت شەكىللەندۈرمەكتە» دېدى.
بۇ ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ تور سىستېمىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن كىلاپپېر: «رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارمىيەسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا» دېدى ھەمدە رۇسىيەنىڭ خەلقئارادىكى تەسىرىنى كۈچەيتىشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلىپ، ئۇكرائىنا مەسىلىسى بىلەن سۈرىيە مەسلىسىنى ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر