ھايدار ئەلئىباد مېركېل بىلەن كۆرۈشتى

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل ئىراق باش مىنىستىرى ھايدار ئەلئىباد بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىراقنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

431382
ھايدار ئەلئىباد مېركېل بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر ئانگېلا مېركېل بېرلىندە ئىراق باش مىنىستىرى ھايدار ئەلئىبادى بىلەن كۆرۈشۈپ، بىرلىكتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. مېركېل كورد رايونىنى ئىراقنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە كۆرىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ: «گېرمانىيە كورد رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىراق زېمىنىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىدىغان بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشكە تەييارمىز» دېدى. ئۇ ئىراققا 500 مىليون قىممىتىدە ماددىي ياردەم قىلىش توغرىسىدا ۋەدە بەردى ۋە بۇ ياردەملەرنىڭ ئاساسىي ئۇل – ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىغا ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىراق باش مىنىستىرى ھايدار ئەلئىباد شىمالىي ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبىرى مەسۇت بارزانىنىڭ مۇستەقىللىق رېفېراندۇمى ئۆتكۈزۈش چاقىرىقىنى تەنقىد قىلدى. ئۇ رايونلۇق كورد ھۆكۈمىتىنى بۇ نىيىتىدىن ۋاز كېچىپ، مەركىزىي ھۆكۈمەت بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر