سىددىق سىددىقى تالىبانغا قارشى كۈرەش ھەققىدە توختالدى

ئافغانىستاندا تالىبان بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان تىنچلىق سۆھبەتلىرىدە مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىۋاتقان پەيتلەردە، تالىباننىڭ پەيدا قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرى ئۈمىدلەرنى يوققا چىقىرىشقا باشلىدى.

425424
سىددىق سىددىقى تالىبانغا قارشى كۈرەش ھەققىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تالىباننىڭ يېقىنقى كۈنلەردە قىلغان ھۇجۇمىدا 10 ئەسكەرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشى بىلەن، بۇ يىلنىڭ بېشىدىن تارتىپ ھازىرغىچە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئافغانىستان ئەسكەرلىرىنىڭ سانى 100 گە يەتتى. ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى سىددىق سىددىقى تۈركىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئافغانىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە تۈركىيەنىڭ ياردەملىرى توغرىسىدا توختالدى. ئۇ: «بىز تالىباننىڭ راستىنلا تىنچلىق سۆھبەتلىرىگە ئىجابىي قاراۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق ئالامەتنى كۆرمىدۇق. دەل ئەكسىچە، تەھدىت سېلىش ۋە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى ئىزچىل داۋاملىشىۋاتىدۇ، ھەتتا ئۇلار ئافغانىستاننىڭ ئاخبارات ئورگانلىرىنى ھۇجۇم نىشانىغا ئايلاندۇرۇۋالدى، بۇ كىشىنى تولىمۇ قايغۇغا سالىدىغان ئەھۋال» دېدى.

يېقىنقى كۈنلەردە 10 ساقچى، دوستلىرى ساقچى پونكىتىغا ئېلىپ كىرگەن تالىبان ئەزاسى تەرىپىدىن تامىقىغا زەھەر تاشلىنىپ ئۆلتۈرۈلدى. مەزكۇر ۋەقە، ئافغانىستان خەۋپسىزلىك قىسىملىرىنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە يېتەرسىز قېلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى مۇنازىرەلەرنى قايتىدىن كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدى.

سىدىق سىددىقى: «ئۇ ۋەقە، ئەلۋەتتە كىشىنى قايغۇغا سالىدۇ. تالىبانغا قارشى ئۇرۇش قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، ساقچىلار قوشۇنىغا قېتىلغان بىر كىشى، بۇ ئىشنى قىلغان. بۇ تالىباننىڭ يېقىنقى كۈنلەردە ساقچى قىسىملىرىغا قارشى قوللىنىۋاتقان تاكتىكىلىرىنىڭ بىرى» دېدى.

ئۇ ساقچى – ئەسكەرلەرنىڭ نۇرغۇنلىغان جايلاردا مۇھىم ھەربىي ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ خەۋپسىزلىك قىسىملىرىنىڭ دائېش بىلەن تالىباننى زور چىقىمغا ئۇچراتقانلىقىنى ۋە نۇرغۇنلىغان ئادەم بومبا ھۇجۇملىرىنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئافغانىستان خەۋپسىزلىك قىسىملىرىنىڭ ئافغانىستاننى، شۇنداقلا رايوننى تېررورلۇقنىڭ تەھدىتىدىن قوغداشتەك ئىنتايىن ئېغىر ۋە قىيىن مەسئۇلىيىتى بار. بىز تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتەك ناھايىتى خەتەرلىك ئۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە. بۇ ئەلۋەتتە، ئۆز ئالدىمىزغا ئادا قىلالايدىغان مەسئۇلىيەت ئەمەس. تۈركىيە قاتارلىق بىزنى قوللاۋاتقان دوست دۆلەتلەرنىڭ ياردىمى بولماستىن، غەلىبە قىلالمايمىز.»

ئۇ ئاخىرىدا، تۈركىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە ئافغانىستانغا قىلغان ياردىمى ئۈستىدە توختالدى. ئۇ: «تۈركىيە ئەسكەرلىرى بىخەتەرلىككە مۇناسىۋەتلىك تەلىم – تەربىيە ئىشلىرىغا ياردەم قىلىۋاتىدۇ. بىز ھەر يىلى سىۋاستىكى ساقچى ئاكادېمىيەسىگە بىر قانچە يۈز ئافغانىستان ساقچىسىنى بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتىۋاتىمىز، كابۇلدا ئۆزئارا ھەمكارلىقىمىز داۋام قىلىۋاتىدۇ، تۈركىيەنىڭ ئافغانىستانغا بۇ جەھەتلەردىن قىلىۋاتقان ياردەملىرىگە چەكسىز رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر