رۇسىيە بۇ قېتىم يەنە پۇقرالارنى بومباردىمان قىلدى

رۇسىيە ئارمىيەسى بايىربۇجاكنى بومباردىمان قىلىپ، ئايال ۋە كىچىك بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

413898
رۇسىيە بۇ قېتىم يەنە پۇقرالارنى بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە بۇ قېتىم يەنە پۇقرالارنى بومباردىمان قىلدى.
رۇسىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا 6 ئايال، 11 كىچىك بالا ۋە 32 نەپەر پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.
رۇسىيە ئايروپىلانلىرى راققەدىكى دائېش بازىلىردىن باشقا يەنە ھەلەبتىكى مۆتىدىل قزغىلاڭچىلار ۋە بايىربۇجاكتىىكى تۈركمەنلەرنى ھۇجۇم نىشانى قىلدى.
مەركىزىي ئىشخانىسى لوندوندا تۇرۇشلۇق سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش ئۆيى، رۇسىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىدا ھازىرغا قەدەر ئۆلگەن 1500 كىشىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىمىنىڭ پۇقرالار ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، گېرمانىيەدە چىقىدىغان «Bild» گېزىتى، گېرمانىيە ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە، ئەسەد قىسىملىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.



خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر