ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى شىمالىي ئىراققا يېتىپ باردى

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى ئاشتون كارتېر ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتىكى زىيارەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئەربىلگە باردى.

412446
ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى شىمالىي ئىراققا يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كارتېر ۋە ھەمرالىقىدىكى ھەيئەتنى ئەربىل خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باش مىنىستىر ياردەمچىسى كۇبات تالابانى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى كەرىم سىنجارى، تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل ئەمەلدارى فەلاھ مۇستافا ۋە ئامېرىكىنىڭ ئىراق كورد رايونىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى سامى ئابدۇرراھمان كۈتۈۋالدى.

كارتېرنىڭ ئەربىلدىكى ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى مەسئۇد بارزانى ۋە باش مىنىستىر نەچىرۋان بارزانى بىلەن كۆرۈشۈشى تەخمىن قىلىنماقتا.

ئامېرىكىلىق مىنىستىر كارتېر باغدادتا ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدە ئەلئىبادى بىلەنمۇ كۆرۈشكەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر