رۇسىيە تاجىكىستاندىكى ئەسكەرلىرىنىڭ ئورنىنى يۆتكىدى

رۇسىيە چەت ئەللەردىكى ئەڭ چوڭ ھەربىي قىسىملىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان تاجىكىستاننىڭ كۇلياپ شەھىرىدىكى ئەسكەرلىرىنى يۆتكىدى.

363570
رۇسىيە تاجىكىستاندىكى ئەسكەرلىرىنىڭ ئورنىنى يۆتكىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە چەت ئەللەردىكى ئەڭ چوڭ ھەربىي قىسىملىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان تاجىكىستاننىڭ كۇلياپ شەھىرىدىكى 201- بازىسىدىكى پىيادىلەر قوشۇنىنى پايتەخت دۈشەنبىگە ئورۇنلاشتۇردى.

رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، بۇ جەھەتتىكى قەدەملەرنىڭ تاجىكىستان مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىلەن ئىمزالانغان كېلىشىمنىڭ رۇھىغا ئاساسەن تاشلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى. مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا، تاجىكىستاندىكى رۇسىيە ھەربىي بازىسىنىڭ ئەسكەر سانى ۋە مۇددىئاسىدا ئۆزگىرىش يوقلۇقى تەكىتلەندى.

رۇسىيەنىڭ تاجىكىستاندىكى ھەربىي بازىسىدا 7 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرى بار.

تاجىكىستان بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا 2012 – يىلى ئىمزالانغان كېلىشىمنىڭ رۇھىغا ئاساسەن، مەزكۇر بازا 2042- يىلىغىچە مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرالايدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر