سۈرىيە ئەسكەرلىرى بايىر بۇجاكنى بومباردىمان قىلدى

سۈرىيە ھۆكۈمىتى ئەسكەرلىرى قىزىلتاغ ئەتراپىدىكى 7 يېزىغا ھەم ھاۋادىن، ھەم قۇرۇغلۇقتىن ئېغىر دەرىجىدە ھۇجۇم قىلدى.

410229
سۈرىيە ئەسكەرلىرى بايىر بۇجاكنى بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە ئەسكەرلىرى بايىر بۇجاك رايونىدا تۈركمەنلەرگە قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىنى ھەم قۇرۇغلۇقتىن، ھەم ھاۋادىن تەڭ داۋاملاشتۇرماقتا.
توقۇنۇشلار لازىقىيە ئەتراپىدىكى تۈركمەن تېغى ۋە جەبەل ئەكراد رايونىغا مەركەزلەشتى.
سۈرىيە ھۆكۈمىتى ئەسكەرلىرى قىزىلتاغ ئەتراپىدىكى 7 يېزىغا ھەم ھاۋادىن، ھەم قۇرۇغلۇقتىن ئېغىر دەرىجىدە ھۇجۇم قىلدى.
گۆكتېغى ۋە ئاۋانلى يېزىلىرىدا بولسا، ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرى بىلەن تۈركمەن قۇراللىق قىسىملار ئوتتۇرىسىدا قاتتىق توقۇنۇش يۈز بەردى.
تۈركمەن قوراللىق قىسىملىرى نۇرغۇنلىغان نۇقتىلاردا ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىنى توسۇپ قالدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر