ئىنگلىزلار ئەنگلىيەنىڭ سۈرىيە قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

ئەنگلىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا بىرلەشمە كۈچلەرنىڭ سۈرىيەدىكى دائېشقا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلىرى ئۇرۇشقا قارشى ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.

407847
ئىنگلىزلار ئەنگلىيەنىڭ سۈرىيە قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىڭلارچە كىشى ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوننى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن شەھەلەردە توپلىنىپ نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى؛ ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ ئەنگلىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرگە ئىشتىراك قىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىجازەتنامىنى قوبۇل قىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن نامايىشچىلار، باش مىنىستىر دېيۋىد كەمېروننى ئەيىبلىدى.

ئۇرۇشقا قارشى شوئارلارنى توۋلاشقان نامايىشچىلار، «سۈرىيەنى بومباردىمان قىلىشنى توختىتىڭلار!»، «سۈرىيەگە ئەركىنلىك!» ۋە «ئۇرۇشقا قارشىمىز» دېگەن خەتلەر يېزىلغان پلاكاتلارنى كۆتۈرۈۋېلىشقان نامايىشچىلار پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ مېڭىشتى. نامايىشنى ئۆكتىچى پارتىيەلەرمۇ قوللاپ – قۇۋۋەتلىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر