لىۋىيەدە سىياسىي كېلىشىمنامە ئىمزالاندى

لىۋىيەدە ئىچكى ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىشنى مەزمۇن قىلغان كېلىشنامە ئىمزالاندى.

402436
لىۋىيەدە سىياسىي كېلىشىمنامە ئىمزالاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيەدە قەززافى ئاغدۇرۇۋېتىلگەندىن كېيىن 4 يىل داۋاملاشقان ئىچكى ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىشنى مەزمۇن قىلغان كېلىشىمنامە، توقۇنۇشىۋاتقان تەرەپلەرنىڭ پارلامېنتلىرى تەرىپىدىن ماقۇللاندى.
لىۋىيە سىياسىي كېلىشىمنامىسى لىۋىيەدىكى توقۇنۇشلار ۋە كىرزىسكە ھەل قىلىش مەقسىتىدە مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتى بەرپا قىلىشنى مەزمۇن قىلىدۇ.
ئۆتكۈنچى مەزگىلدىن كېيىن 2 يىل ئىچىدە ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانماقتا. لىۋىيە سىياسىي كېلىشىمنامىسى لىۋىيەدىكى توقۇنۇشلار ۋە كىرزىسكە ھەل قىلىش مەقسىتىدە تۇنجى تىنچلىق سۆھبىتى بۇ يىل يانۋاردا جەنۋەدە باشلىغانىدى.
لىۋىيەدە 2011-يىلى فېۋرالدا مەيدانغا كەلگەن ئىنقىلابتىن كېيىن باش كۆتۈرگەن سىياسىي مۇقىمسىزلىق سەۋەبىدىن، بىرى توبرۇقتا يەنە بىرى تىرابلۇستا بولۇپ ئىككى ئايرىم ھۆكۈمەت ۋە پارلامېنت بارلىققا كەلگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر