«رۇسىيە دائېشقا ئەمەس تۈركمەنلەرگە ھۇجۇم قوزغىماقتا»

ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدە دائېشقا ئەمەس ئۆكتىچىلەرگە ھۇجۇم قوزغاپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

396842
«رۇسىيە دائېشقا ئەمەس تۈركمەنلەرگە ھۇجۇم قوزغىماقتا»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇس ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بۈگۈن ئەتىگەندە ھەلەبكە قاراشلىق ئەزىز ناھىيەسىگە يېقىن جايلارنى بومباردىمان قىلدى.
تۈركمەنلەر زىچ ئولتۇراقلاشقان يازىباغلىرى يېزىسىمۇ بومباردىمان قىلىندى.بومباردىمان ئاۋازلىرى تۈركىيەنىڭ كىلىس ناھىيەسىدىنمۇ ئاڭلاندى. رۇس ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ھەپتە ئاخىرىمۇ ئەزىزدە ياردەم بۇيۇملىرى ئېلىپ ماڭغان يۈك ماشىنىلىرىغا ھۇجۇم قوزغاپ،  13 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، نۇرغۇن ئادەمنى يارىلاندۇردى. 
بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدە ئۆكتىچىلەرگە كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ئاقساراي دۆلەتلىك خەۋپسىزلىك كېڭىشى مۇئاۋىن مەسلىھەتچىسى بېن رودېس مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدە ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا ئاساسلىقى ئۆكتىچىلەرنى نىشانغا ئالىدىغانلىقىنى، دائېشنى بولسا ئاندا-ساندا نىشانغا ئېلىپ قويىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.
سۈرىيەدە رۇسلارنىڭ ئۆكتىچىلەرگە كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى تەكىتلىگەن رودېس، بۇ ئەھۋالنىڭ سۈرىيەنىڭ ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
رودېس سۈرىيەدە ئۆكتىچىلەرنى سىىياسىي ھەل قىلىش مۇساپىسىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە كۆرىدىغانلىقلىرىنى ۋە ئۆكتىچىلەرنىڭ ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە باشقا دۆلەت خەلقلىرىغا تەھدىت پەيدا قىلمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر