رۇسىيە تۈركىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى

رۇسىيە پىرىزېدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن تۈركىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى مەزمۇن قىلغان قارارنامىنى ئىمزالىدى.

394739
رۇسىيە تۈركىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرىزېدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن تۈركىيەگە ئىقتىسادىي تەدبىرلەرنى مەزمۇن قىلغان ئېمبارگو قارارنامىسىنى ئىمزالىدى.
كىرىمېل تەرىپىدىن بۇ ھەقتە بېرىلگەن باياناتتا، ئېمبارگو قارارنامىسىدا تۈرك قانۇنلىرى بويىچە باشقۇرۇلۇۋاتقان بەزى ئورگان ۋە ئورۇنلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن رۇسىيەدە پائالىيەت قىلالمايدىغانلىقى، تۈركىيەدىن ئېكسپورت قىلىنىۋاتقان بەزى مەھسۇلاتلارنىڭ ۋاقىتلىق توختىتىلىدىغانلىقى ياكى پۈتۈنلەي چەكلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
قارارغا ئاساسلانغاندا، رۇسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شىركەتلەرنىڭ 2016-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ تۈرك پۇقرالىرىنى ئىشقا ئالالمايدىكەن.
باياناتتا ئېمبارگو قارارنامىسىنىڭ رۇسىيەدە خىزمەت قىلىۋاتقان تۈرك پۇقرالارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقى، پەقەت 2016-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ ئىشقا ئېلىنىدىغان يېڭى خادىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.
پۇتىن ئېمبارگو قارارلىرى دائىرىسىدە تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ۋىزىسىز ساياھەت بەلگىلىمىسىنى 1-يانۋاردىن باشلاپ توختىتىپ قويۇش ۋە رۇسىيەدىكى ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ تۈركىيەگە ساياھەت ئورۇنلاشتۇرۇشنى چەكلەش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېمبارگو قارارلىرىنى تەستىقلىدى. شۇنداقلا، رۇسىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى قەرەللىك ئايروپىلان سەپەرلىرىنى توختىتىپ قويۇش ۋە تۈرك تىرانسپورت شىركەتلىرىنىڭ رۇسىيەدىكى پائالىيەتلىرىدىن سىرت، قارادېڭىز ۋە ئازاق دېڭىزدا رۇس دېڭىز تەۋەلىكىدىكى تۈرك دېڭىز قاتناش ۋاستىلىرىغا بولغان تەپتىش خىزمەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش قارار قىلىندى.
باياناتتا رۇسىيەدە تۇرۇش ئىجازەتنامىسى بولغان تۈرك پۇقرالىرى بىلەن رۇسىيەدە تۇرۇۋاتقان تۈرك دىپلومات ۋە ئائىلىلەرنىڭ ئېمبارگو دائىرىسىدە ئەمەسلىكى ئەسكەرتىلگەندىن سىرت، يېڭى ئېمبارگو قارارى دائىرىسىگە كىرمەيدىغان شەخس ۋە ئورگانلارنىڭ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە قايتىدىن ئۇقتۇرىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر