سۈرىيە تۈركمەنلىرى قىزىلتاغنى قايتۇرۇۋېلىش ھۇجۇمىنى باشلىدى

سۈرىيەنىڭ لازقىيەدىكى تۈركمەن قىسىملىرى تۈنۈگۈن (26 – نويابىر) تارتقۇزۇپ قويغان قىزىلتاغنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ھۇجۇمغا ئۆتتى.

394134
سۈرىيە تۈركمەنلىرى قىزىلتاغنى قايتۇرۇۋېلىش ھۇجۇمىنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەرلىك مەنبەلەردىن ئېلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، تۈركمەن قىسىملىرى سەھەردە بايىربۇجاك تۈركمەن رايونىدىكى قىزىلتاغ ئېگىزلىكىگە ھۇجۇم باشلىغان. ئىككى تەرەپ ئارىسىدا شىددەتلىك توقۇنۇشلار يۈز بەرگەن بولۇپ، تۈركمەنلەر  
يېقىنقى كۈنلەردە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ قۇرۇقلۇق ھۇجۇمى ۋە رۇسىيەنىڭ ھاۋا بومباردىمانىغا دۇچ كەلگەن قىزىلتاغ، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن قوزغىلاڭچىلارنىڭ قولىدا ئالمىشىپ تۇرماقتا. تۈركمەن قىزىلتېغى تۈركىيەگە بەش كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، رايوندىكى ئەڭ ئېگىز تاغ بولۇشى سەۋەبىدىن ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. قىزىلتاغدا تۇرۇپ تۈركىيە چېگراسىغا 500 مېتىر كېلىدىغان جاينىڭ شەرقىي ئۇچىدىكى يامادىيانى ئوققا تۇتقىلى بولىدۇ. بەششار ئەسەد قىسىملىرى بۇ ئېگىزلىكنى پۈتۈنلەي قولغا كىرگۈزۈۋالسا، قىزىلتاغدىن يامادىغىچە سوزۇلغان 10 تۈركمەن يېزىسىنى توپقا تۇتالايدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر