ئىسرائىلىيە يەنە غەززەگە ھۇجۇم قىلدى

ئىسرائىلىيە روكېت ئېتىلغانلىقىنى باھانە قىلىپ غەززەگە ھۇجۇم قوزغىدى.

421384
ئىسرائىلىيە يەنە غەززەگە ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە غەززەەگە ھۇجۇم قوزغاپ، ھاماسقا تەۋە بىر بازىنى ۋەيران قىلىۋەتتى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا: «ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى غەززەدە ھاماسقا تەۋە بىر بازىنى بىتچىت قىلدى. ئىسرائىلىيەنىڭ جەنۇبىغا غەززە تەرىپىدىن روكېت ئېتىلغانلىقى ئۈچۈن غەززەگە ھۇجۇم قىلىندى» دېيىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، ئىسرائىلىيە ھاۋا ئارمىيەسى ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان ئىززەدىن ئەل قاسسام پىدائىيلىرىغا تەۋە ئەل مەغازى مۇساپىرلار لاگېرىدىكى ھەربىي تەلىم-تەربىيە بازىسىنى بومباردىمان قىلغان.
ھۇجۇمدا ئۆلگەن ياكى يارىلانغانلارنىڭ بار-يوقلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىدى.
ئىسرائىلىيە دۆلەتلىك 2-تېلېۋىزىيە قانىلى بۇ ھەقتە خەۋەر تارقىتىپ، غەززەدىن ئېتىلغان روكېتنىڭ ئەشكول ئولتۇراق رايونىدىكى بىر پارچە قۇرۇق يەرگە چۈشكەنلىكىنى، بۇ سەۋەبتىن ھېچقانداق زىيان كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر