ئامېرىكا رۇسىيەنى پوزىتسىيەسىدىن ۋاز كەچتۈرۈشكە بەل باغلىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى رۇسىيەنىڭ ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى پوزىتسىيەسىگە قارشى تۇرۇش پىلانىغا قايتىدىن قاراپ چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

413153
ئامېرىكا رۇسىيەنى پوزىتسىيەسىدىن ۋاز كەچتۈرۈشكە بەل باغلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى قۇترىتىش ماھىيىتىدىكى پوزىتسىيەسىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇداپىئە مىنىستىرى ئاشتون كارتېر موسكۋانى بۇ پوزىتسىيەسىدىن ۋاز كەچتۈرۈش ئۈچۈن، ھەم ئەمەلىي ھەم جىددىي ئەھۋال پىلانلىرىنى تۈزۈپ چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئاشتون كالىفورنىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇداپىئە مۇنبىرىدە سۆز قىلىپ، رۇسىيەنىڭ قۇترىتىش ماھىيەتلىك پوزىتسىيەسىنى ئەيىبلىدى.

رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن كارتېر ئاشتون، موسكۋانىڭ سىياسەتلىرى ئارقىلىق سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشنىڭ ئۇزىراپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى كارتېر شۇنداقتىمۇ ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشىدا رۇسىيەنىڭ ئىجابىي رول ئوينىشىنىڭ مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئاشتون كارتېر ۋاشىنگتوننىڭ موسكۋانى قۇتراتقۇچى پوزىتسىيەسىدىن ۋاز كەچتۈرۈش ئۈچۈن ئەمەلىي ۋە جىددىي ئەھۋال پىلانلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشى سايىسىدا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ تېخىمۇ بىخەتەر ھالەتكە كېلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر