جەنۇبىي ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ باشلىقى پارىخورلۇققا چېتىلدى

خىتاينىڭ جەنۇبىي ھاۋا يوللىرى شىركىتى مۇدىرىيىتىنىڭ باشلىقى ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى سەۋەبىدىن تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

410858
جەنۇبىي ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ باشلىقى پارىخورلۇققا چېتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى جەنۇبىي ھاۋا يوللىرى شىركىتى مۇدىرىيىتىنىڭ باشلىقى سى شېنمىننى ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى سەۋەبىدىن تەكشۈرۈشكە باشلىغان.
دۆلەت ئىگىلىكىگە تەۋە جەنۇبىي ھاۋا يوللىرى شىركىتى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئۈچ ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ بىرى بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئېيتقاندىمۇ ئەڭ كۆپ يولۇچى توشۇيدىغان ئالتىنچى ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
خىتايدا پارىخورلۇق ۋە كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىش ۋەقەلىرى كۈنتەرتىپنى ئىگىلەپ تۇرماقتا. خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2012 – يىلى كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن، چىرىكلىككە قارشى كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ئۇ چىرىكلىكنىڭ «پارتىيەنىڭ مەۋجۇت بولۇش تۇرۇش – تۇرالماسلىقىدىكى ئەڭ چوڭ تەھدىت» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر