خىتاي ئەلچىسى ئانتاليا شەھەر باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى

خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۈركىيەدىكى باش ئەلچىسى يۈ خوڭياڭ ئانتاليا شەھەر باشلىقى مەندەرەس تۈرەل بىلەن ئىشخانىسىدا كۆرۈشتى.

357195
خىتاي ئەلچىسى ئانتاليا شەھەر باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ تۈركىيە باش ئەلچىسى يۈ خوڭياڭ ئانتاليا شەھەر باشلىقى مەندەرەس تۈرەل بىلەن كۆرۈشۈپ، ئانتاليانىڭ G-20 يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىش بىلەن پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىدىغانلىقىنى ۋە يىغىندىن كېيىن خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ شەھەرگە سەل بولۇپ ئاقىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ: «ئانتاليا خىتاي ئۈچۈن ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە. خىتاي كارخانىچىلىرىنىڭ ئانتاليانىڭ كانچىلىق ئىشلىرىغا سالغان زور مەبلىغى بار. ئانتاليا بىز ئۈچۈن كانچىلىق ئىشلىرىدىلا ئەمەس، بەلكى ساياھەتچىلىك جەھەتتىن ئېيتقاندىمۇ گۈزەل شەھەر» دېگەن.
ئانتاليا شەھەر باشلىقى مەندەرەس تۈرەل تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشىنىڭ، ئۆزلىرى ئۈچۈن بىر خۇشاللىق ۋەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
زىيارەتتىن كېيىن، ئانتاليا شەھەر باشلىقى بىلەن خىتاي باش ئەلچىسى بىر – بىرىگە ھەدىيە سوۋغا قىلىشقان.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر