ياۋروپا مۇساپىرلار كىرىزىسىگە چارە ئىزدىمەكتە

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىرى ليۇكسېمبۇرگدا بىر يەرگە جەم بولدى.

390422
ياۋروپا مۇساپىرلار كىرىزىسىگە چارە ئىزدىمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىرلارنىڭ كۈنتەرتىپىدە، چېگرا لىنىيەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ياۋروپاغا كېلىۋاتقان مۇساپىرلارنىڭ پاناھلىنىش مەسىلىسى بار ئىدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى كۆچمەنلىك، ئىچكى ئىشلار ۋە گراژدانلىق ئىشلىرى كومىسسارى دىمىترىس ئاۋراموپۇلوس، مۇساپىرلارنى ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىگە بۆلۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى دائىرىسىدە تۇنجى تۈركۈمدىكى مۇساپىرلارنىڭ ئايروپىلان بىلەن ئىتالىيەدىن شىۋېتسىيەگە ئۆتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئاۋراموپۇلوس، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقچىلار تۈپەيلى قانۇنسىز يوللار بىلەن ياۋروپاغا كەلگەن مۇساپىرلارنىڭ سىستېمىلىق ھالدا ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يىغىندا مۇساپىرلارنىڭ پاناھلىنىشى ئۈچۈن قوشۇمچە 500 مىليون ياۋرو چىقىم قىلىنىشى توغرۇلۇق قارار ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر