دائېش ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىنى ئۆلتۈردى

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ سۈرىيە مۇخبىرى سالىھ لەيلا (27 ياش) ھەلەبكە قاراشلىق خىرەيتان ناھىيەسىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

389999
دائېش ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىنى ئۆلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىيۇل ئېيىدا ھەلەبنىڭ ئەززەھرا رايونىدىكى توقۇنۇشلارنى كۆزىتىۋاتقاندا يۈزى يارىلانغان لەيلا تۈركىيەگە كەلتۈرۈلۈپ داۋالىتىلغانىدى.
لەيلا ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى توقۇنۇشلارغا مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن فوتۇ سۈرەتلەرنى تارتقان، ۋىدىئېوغا ئالغان، توقۇنۇشلارنىڭ پەنچىسى ئاستىدا ياشاۋاتقان خەلق دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلار ھەققىدە دوكلاتلارنى تەييارلىغانىدى.
سالىھ مەھمۇد لەيلانىڭ سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشتا تارتقان نۇرغۇنلىغان فوتۇ سۈرەتلىرى دۇنياغا داڭلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىنغان ۋە ئەڭ كۆپ ئالقىشقا ئېرىشكەن فوتۇ سۈرەتلەر كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈلگەنىدى. لەيلا بۇلتۇر ئانادولۇ ئاگېنتلىقىدا ئۇرۇش مۇخبىرلىقى كۇرسىنى تاماملىغانىدى.
ھەلەبنىڭ شىمالىدىكى ئانادان ناھىيەسىدە تۇغۇلغان لەيلا كومپيۇتېر ئېنژىنېرلىقى فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەنىدى.
ئىگىلىنىشىچە، تېخى بىر يىلنىڭ ئالدىدا ئۆيلەنگەن لەيلانىڭ رەپىقىسى ھامىلدار ئىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر