شى جىنپىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ياردەم قىلماقچى

شى جىنپىڭ خىتاينىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە قىلىۋاتقان ياردەملىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن فوند قۇرۇپ چىققانلىقىنى ئېيتتى.

392408
شى جىنپىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ياردەم قىلماقچى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:خىتاي تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىيۇيوركتا چاقىرغان سىجىل تەرەققىيات ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ ئومۇمىي كېڭىشىدە سۆز قىلدى.
شى جىنپىڭ خىتاينىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە قىلىۋاتقان ياردەملىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن فوند قۇرۇپ چىققانلىقىنى ئېيتتى.
بۇ قۇرۇلغان فوندتىن دەسلەپكى قەدەمدە 2 مىليارد دوللارلىق ياردەم قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان شى جىنپىڭ، 2030 – يىلىغىچە بۇ ياردەم مىقدارىنىڭ 12 مىليارد دوللارغا چىقىرىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
شى جىنپىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا بولغان قەرز ئۆسۈملىرىنىمۇ ئۆچۈرۈپ تاشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر 2030 – يىلغىچە ھەددىدىن زىيادە نامراتلىققا خاتىمە بېرىشنى نىشان قىلماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر