ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئاشقۇنلۇققا قارشى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدىكەن

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۇچرىشىشىدىن كېيىن بايانات بەردى.

392252
ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئاشقۇنلۇققا قارشى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدىكەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۇچرىشىشىدىن كېيىن بايانات بېرىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئاشقۇنلۇققا قارشى كۈرەشتىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ۋە بۇ دائىرىدە ئۆزئارا ئاخبارات ئالماشتۇرۇلىدىغانلىقىنى شۇنداقلا ئافغانىستاندا تىنچلىق ئورنىتىش يولىدا بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىنتېرنېت سەھىپىسى ئارقىلىق تارقاتقان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، خىتاي بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھەر تۈرلۈك ئاشقۇنلۇققا قارشى ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلىگەنلىكىنى، ئىككى تەرەپ ۋە كۆپ تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش بويىچە بىرلىك ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، «ھەر ئىككى تەرەپ چېگرا بويلىرىدا چەت ئەللىك تېررورچىلارغا قارشى تۇرۇش ئۇسۇللىرى، تېررورنىڭ مالىيە مەنبەسىنى كېسىپ تاشلاش، تېررورلۇق تەھدىتلىرى بويىچە دۆلەت بىخەتەرلىك ئۇچۇرلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى ئاشۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېررورىزمغا قارشى تۈرۈش ساھەسى بويىچە كەڭ دائىرىلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ» دېيىلگەندىن باشقا تەپسىلاتلارغا ئورۇن بېرىلمىدى.

بېيجىڭ دائىرىلىرى خىتاينىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ‹ئاشقۇن ئىسلامچىلار› نىڭ كۈچلۈك تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە. لېكىن، دىياسپورادىكى ئۇيغۇرلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئاشقۇن بىر تەشكىلاتنىڭ بارلىقى ھەققىدە ھازىرغىچە قايىل قىلارلىق پاكىت كۆرسەتمىگەنلىكىنى، رايوندا يۈز بېرىۋاتقان توقۇنۇشلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دىنىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى بېسىملارغا قارشى يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر