گېرمانىيە: ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ سۈرىيە قارارىنى قوللايمىز

گېرمانىيە رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيە مەسىلىسى بويىچە دىيالوگ ئۆتكۈزۈش قارارىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

390630
گېرمانىيە: ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ سۈرىيە قارارىنى قوللايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فرانك ۋالتېر ستېئىنمېئىر رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ۋە دائېشقا قارشى كۈرەش مەسىلىسى بويىچە دىيالوگ ئۆتكۈزۈش قارارىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

گېرمانىيەدە چىقىدىغان ‹بىلد ئام سونتاگ› گېزىتىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن ستېئىنمېئىر، «ۋاشىنگتون بىلەن موسكۋانىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدە بىر – بىرىگە قارشى تۇرۇشنى قويۇپ، قايتىدىن بىرلىكتە بولۇپ دىيالوگ ئورنىتىشنى كۆزلىگەنلىكىدىن خۇشال بولدۇم» دېدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىمۇ ئىران ۋە رۇسىيەنىڭ ئەسەدنى مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشكە قايىل قىلىشىنى ئۈمىد قىلدىغانلىقىنى، قاچانلا بولمىسۇن سۈرىيە لىدېرىنىڭ كەتمىسە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

كېررى ئەسەدنىڭ قانداق ۋە قاچان كېتىشىنىڭ مۇزاكىرە ئارقىلىق بېكىتىلىشى كېرەكلىكىنى قەيت قىلدى.

رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي سويگۇ بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇداپىئە مىنىستىرى ئاشتون كارتېر تۈنۈگۈن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، مەسىلىنى تىنچ ئۇسۇلدا ھەل قىلىش ئۈچۈن دىيالوگ ئۆتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر