گىرېتسىيەدە سايلام ئۈچۈن تەتۈر ساناش باشلىدى

گىرېتسىيەدە يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلام ئۈچۈن تەتۈر ساناش باشلىدى.

389716
گىرېتسىيەدە  سايلام ئۈچۈن تەتۈر ساناش باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيەدە ئالدىمىزدىكى يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان بالدۇر سايلام ئۈچۈن تەتۈر ساناش باشلىدى. سايلامغا قاتنىشىدىغان پارتىيەلەر كەڭ كۆلەملىك يىغىلىشلارنى ئۆتكۈزمەكتە.
كونسىرۋاتىپ يېڭى دېموكراتىيە پارتىيەسى تەرەپدارلىرىمۇ تۈنۈگۈن ئافېنادا نامايىش ئۆتكۈزدى. نامايىشقا قاتناشقان مىڭلارچە كىشى، دۆلەت ۋە پارتىيە بايراقلىرىنى كۆتۈرۈپ مېڭىشتى.
پارتىيە رەئىسى ئەۋانگېلوس مېيماراكىس نامايشچىلارغا خىتاب قىلىپ، گىرېتسىيەنىڭ كىرزىستىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن خەلقنى ئىتتىپاقلىققا چاقىردى.
ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنىڭ دۆلەتنى بارغانچە قالايمىقانلاشتۇرۇپ بارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن مېيماراكىس «ھاكىمىيەتتىكى پارتىيە يەكشەنبە كۈنى تارىخ بولىدۇ.»
كىرزىستىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن مەملىكەتلىك ھەيئەت كېڭىشى قۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان مېيماراكىس ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمگە رىئايە قىلىدىغانلىقلىرىنى ۋە ياشلارغا خىزمەت پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.
ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە بىلەن يېڭى دېموكراتىيە پارتىيەسى سايلامدا ئۇتۇپ چىقىش ئۈچۈن كەسكىن رىقابەتلەشمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر