ئىتالىيەدە قارا يامغۇر ئاپىتى يۈز بەردى
ئىتالىيەدە قارا يامغۇر كۈندىلىك ھاياتنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى.
387959
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيەنىڭ شەرقىي قىسمىدا يۈز بەرگەن قارا يامغۇر نەتىجىسىدە نۇرې دەرياسى تېشىپ، فارىنى رايونى سۇ ئاستىدا قالدى.
سەل ئاپىتىدە بىر كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، كۆپ ساندا ئۆي - ماكان ئۆرۈلۈپ چۈشتى، ئىزدەش قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى ياشانغانلار بىلەن ئىگە – چاقىسىز كىشىلەرنى قولۋاقلار بىلەن تارقاقلاشتۇردى.
يوقاپ كەتكەن 2 كىشىنى ئىزدەش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا.
فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىمۇ سەل ۋە بوران - چاپقۇن ئاپەتلىرى يۈز بەردى. ئاپەتلەردە تاش يوللار ۋەيران بولدى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىدى، دەل – دەرەخلەر ئۆرۈلۈپ چۈتى، ئېغىر ماددىي زىيان كېلىپ چىقتى.