نېپال ساقچىلىرى نامايىشچىلارغا ئوق چىقاردى

نېپالدا يېڭى ئاساسىي قانۇن لايىھەسىگە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش جەريانىدا ساقچىلار نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىپ، 5 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

341924
نېپال ساقچىلىرى نامايىشچىلارغا ئوق چىقاردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىككى ئايرىم شەھەردە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا كوچىغا چىقىشنى مەنئىي قىلىش بەلگىلىمىسىگە رېئايە قىلمىغان نامايىشچىلار ساقچىلارنىڭ قاتتىق مۇداخىلە قىلىشىغا ئۇچرىدى.

پايتەخت كاتماندومۇ ھارارەتلىك بىر نامايىشقا سەھنە بولدى.

نېپالدا دۆلەتنىڭ 7 فېدېراتىپ رايونغا ئايرىلىشىنى مەزمۇن قىلغان ئاساسىي قانۇن لايىھەسى، ياشاۋاتقان رايونلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە خاس ئۆلكىلەرگە ئايرىلىشىنى تەلەپ قىلىۋاتقان ئېتنىك گۇرۇپپىلارنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىماقتا.

نېپال 2008- يىلى 239 يىللىق خانلىق تۈزۈمىدىن جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىگە ئۆتكەن بولۇپ، شۇنىڭدىن بۇيانقى 7 يىل بويىچە ۋاقىتلىق ئاساسىي قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىپ كېلىۋاتاتتى. ئۆتكەن ئىيۇن ئېيىنىڭ باشلىرىدا سىياسىي پارتىيەلەر بىر ئاساسىي قانۇن لايىھەسى ئۈستىدە بىرلىك ھاسىل قىلغانىدى.

بۇ قېتىم نېپالدىكى ئاز سانلىقلار بىلەن ئاياللار ھەق – ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي قانۇننى تەنقىد قىلىشقا باشلىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر