لىۋىيەدە يارىشىش ھاسىل قىلىش تىرىشچانلىقلىرى داۋام قىلماقتا
تۈركىيەنىڭ لىۋىيەدە ئۈزۈل – كېسىل يارىشىش ھاسىل قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى كۈچلۈك تىرىشچانلىقى سۈرئەت بىلەن داۋام قىلماقتا.
373132
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باش كاتىپىنىڭ لىۋىيە ئالاھىدە ئەلچىسى بېرنادىنو لېئون بىلەن ترابلۇس مەركەزلىك مەملىكەتلىك ئومۇمىي قۇرۇلتىيىنىڭ ئەزالىرى ئىستانبۇلدا كۆرۈشتى. ئالاھىدە ئەلچى لېئون، 20- ئۆكتەبىرگىچە كېلىشىم ھاسىل قىلىنىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
لىۋىيە مەملىكەتلىك ئومۇمىي قۇرۇلتىيى ئەزالىرى بولسا، ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى ۋەزىيەتنىڭ لىۋىيەدە باش كۆتۈرۈشىنى خالىمايدىغانلىقلىرىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتۈشتى.