ئامېرىكا قىتئەسىدە تىروپىك قويۇنى مەيدانغا كەلدى
ئامېرىكا قىتئەسىدە تىروپىك قويۇنى مەيدانغا كېلىپ نۇرغۇن زىيان كەلتۈرۈپ چىقاردى.
371564
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قىتئەسىدە تىروپىك قويۇنى بولغان ئېرىكا قويۇنى يۈز بېرىپ، نۇرغۇن زىيان كەلتۈرۈپ چىقاردى.
تىروپىك قويۇنى سەۋەبىدىن دومىنكتا 20 ئادەم قازا قىلدى، 50 دەك ئادەم يارىلاندى.
باش مىنىستىر روزېۋېلىت سىكېرىت ئاپەت رايونىنى كۆزدىن كەچۈردى، تىروپىك قويۇنى ھايتىغىمۇ تەسىر كۆرسەتتى.
قويۇن كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيانلار ئالدىدا گاڭگىراپ قالغان ھايتىلىقلار، بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۆيلىرىدىكى مۇھىم نەرسىلىرىنى ئېلىپ قېچىشقا باشلىدى.
قويۇننىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ فىلورىدا ئىشتاتىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.