سۈرىيەدە بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرى داۋاملاشماقتا

بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ پايتەخت دەمەشق ئەتراپىدا ئۆكتىچىلەرنىنىڭ كونىتروللۇقىدىكى رايونلارغا قاراتقان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە.

369497
سۈرىيەدە بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆكتىچى مەنبەلەرگە كۆرە، پەقەت يېقىنقى 10 كۈن ئىچىدىلا شەرقىي گۇتا ۋە ئەتراپى نىشان قىلىنغان ھۇجۇملاردا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 247 گە يەتكەن بولۇپ، بۇلاردىن 50 تىن كۆپرەكى نارىسىدە بالا ئىكەن، يارىلانغانلارنىڭ سانى بولسا مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، شەرقىي گۇتا يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان قورشاۋ ئاستىدا ئىكەن.
بەششار ئەسەد كۈچلىرىگە قاراشلىق ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇملىرى 16 – ئاۋغۇست كۈنى باشلانغان بولۇپ، بىر قېتىملىق ھۇجۇمدىلا 117 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر