ئامېرىكا ئەسەد قىسىملىرىنىڭ قانلىق ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى

ئامېرىكا ئەسەد قىسىملىرىنىڭ دەمەشىقنىڭ دۇما رايونىدا ئېلىپ بارغان قانلىق ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلەپ قاتتىق ئەيىبلىدى.

332733
ئامېرىكا ئەسەد قىسىملىرىنىڭ قانلىق ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جون كىرباي بۇ ھەقتە يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئەسەد قىسىملىرىنىڭ دەمەشقنىڭ چەت رايونىغا جايلاشقان دۇمادىكى بىر بازارغا ھۇجۇم قىلىپ 100دەك ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولۇشىنى ۋە يۈزلەرچە ئادەمنى يارىلاندۇرۇشنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
ئەسەد قىسىملىرىنىڭ شەھەرلەردىكى قانلىق ھۇجۇملىرىنىڭ مىڭلارچە ئادەمنىڭ ئۆلۈمىگە، مەكتەپلەرنىڭ، جامەلەرنىڭ، بازارلارنىڭ ۋە دوختۇرخانىلارنىڭ ۋەيران بولۇشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى ئېيتقان كىرباي مۇنداق دېدى: «تۈنۈگۈنكى ھاۋا ھۇجۇمى ئەسەد قىسىملىرىنىڭ بازارلارنى بومباردىمان قىلىشى ۋە سەھىيە ئورۇنلىرىنى ۋەيران قىلىۋېتىشىدىن كېيىن، ئەسەدنىڭ ئىنساننىڭ ھاياتىغا قىلچىمۇ ئەھمىيەت بەرمەيدىغانلىقىنى يەنە ئىسپاتلاپ بەردى. بۇرۇنمۇ قەيت قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، بەششار ئەسەد سۈرىيە خەلقىنى ئىدارە قىلىش سالاھىيىتىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم بولدى. ئامېرىكا بۇ خىلدىكى ھۇجۇملارغا خاتىمە بېرىدىغان ۋە سۈرىيەلىكلەرنىڭ ئەركىنلىك ۋە شان-شەرەپكە بولغان ھەسرىتىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان، ئەسەدتىن خالىي سىياسىي ھەرىكەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئالاقىدار گۇرۇپپا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ.»
سۈرىيەدە ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانى بىلەن دەمەشقنىڭ ئۆكتىچىلەرنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى دۇما ناھىيەسىدىكى بازارغا تۈنۈگۈن قىلغان ھۇجۇملىرىدا 100 كىشى ئۆلۈپ، 500دەك كىشى يارىلانغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر