مىسىردا يېڭى قانۇن تەكلىپى غۇلغۇلا قوزغىدى

قانۇن تەلكىلىپىنىڭ پىكرى ئەركىنلىكنى تارايتىدىغانلىقى ۋە ئۆكتىچىلەرنى زەربە نىشانى قىلىشى ئېھتىمالى يۇقىرى ئىكەنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۈرۈشلار ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

333134
مىسىردا يېڭى قانۇن تەكلىپى غۇلغۇلا قوزغىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىردا تېررورلۇققا قارشى يېڭى قانۇن تەكلىپى مۇنازىرە ياراتتى.
قانۇن تەلكىلىپىنىڭ پىكرى ئەركىنلىكنى تارايتىدىغانلىقى ۋە ئۆكتىچىلەرنى زەربە نىشانى قىلىشى ئېھتىمالى يۇقىرى ئىكەنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۈرۈشلار ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
قاھىرە كىشىلىك ھوقۇق خىزمەتلىرى ئىنسىتىتۇتى باشلىقى يېڭى تەدبىرلەرنىڭ تىنچلىقپەرۋەر ئۆكتىچىلەرگە تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
يېڭى قانۇن تەكلىپىدە ئاخبارات ئەركىنلىكىگىمۇ بەزى چەكلىمىلەر قويۇلغان بولۇپ، مېدىيا مۇتەخسىسسلىرى باشقىچە نارازىلىق بىلدۈرمەكتە.
كېرەكلىك بولغاندا ئالاھىدە مەھكىمىلەرنى قۇرۇشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان قانۇن تەكلىپىدە كۈچ ئىشلىتىدىغان ئەسكەر ۋە ساقچىلارنىڭ قورال ئىشلىتىش جەھەتتە كېلىپ چىققان مەسىلەردە قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىنىشى قاتارلىق ئىجرائاتلارمۇ بار.
بۇ قانۇنغا كۆرە، تېررورلۇق جىنايىتىنىڭ جازاسى 5 يىللىق قاماق جازاسىدىن تارتىپ ئۆلۈم جازاسىغىچە ھەر خىل بولىدۇ.
تېررورلۇق تەشكلاتى قۇرۇش ياكى تېررورلۇق تەشكلاتىغا رەھبەرلىك قىلىش جىنايىتى بولغان كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.
ھۇجۇم ياكى بىخەتەرلىك ھەرىكەتلىرىگە زىت خەۋەرلەرنى ئىلان قىلغانلارغا جەرىمانە قويۇلىدۇ.



خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر