پۇتىن قىرىمغا بارىدۇ

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن قىرىمنىڭ ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن يالتا شەھىرىنى زىيارەت قىلىدۇ.

331048
پۇتىن قىرىمغا بارىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئۈچىنچى قېتىملىق قىرىم زىيارىتىدە، يېرىم ئارالدا ئىچكى ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ. قىرىمنىڭ رەسمىي تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى باياناتتا: «قىرىمنىڭ ئىجتىمائىي – ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا تۈرتكىلىك مۇھىم رول ئوينىيالايدىغان ئىچكى ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، رۇسىيە رەھبىرى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپ ماددىسى بولىدۇ» دېيىلدى.
پۇتىننىڭ قىرىم دۆلەت كېڭىشى ئەزالىرى بىلەن ئۆتكۈزىدىغان مۇزاكىرەلىرىدە، ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش تەكلىپىنىڭ كۈنتەرتىپكە كېلىشى كۈتۈلمەكتە. پۇتىن بۇ جەرياندا يەنە، قىرىمدىكى ئوخشىمىغان خەلقلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەنمۇ كۆرۈشىدۇ.
پۇتىن 2014 – يىلى مارت ئېيىدا قىرىم رۇسىيەگە قوشۇۋېلىنغاندىن كېيىن، قىرىمنى ئىككى قېتىم زىيارەت قىلغان بولۇپ، بىرىنچى قېتىم رۇسىيەدە «زەپەر بايرىمى» تەبرىكلەنگەن 2014 – يىلى 9 – ماي كۈنى، ئىككىنچى قېتىم 2014 – يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا يالتا ۋە سىۋاستوپولدا ئۇچرىشىشلاردا بولغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر