قارامايدىكى «چوڭ ماي كۆپۈكى» خىتاينىڭ بېشىنى ئاغرىتىشقا باشلىدى

ئەنگلىيەلىك نەققاش ئانىش كاپۇر، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قاراماي شەھىرىدىكى يەر شارىغا ئوخشاپ كېتىدىغان غايەت زور نەققاشلىق ئەسىرى «چوڭ ماي كۆپۈكى» نىڭ ئۆزىنىڭ ئىجادىيىتىنىڭ ئوغرىلانغان نۇسخىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

325805
قارامايدىكى «چوڭ ماي كۆپۈكى» خىتاينىڭ بېشىنى ئاغرىتىشقا باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىللىتى ھىندى ئەنگلىيەلىك نەققاش ئانىش كاپۇر تۈنۈگۈن (چارشەنبە) بايانات بېرىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قاراماي شەھىرىدىكى يەر شارىغا ئوخشاپ كېتىدىغان غايەت زور نەققاشلىق ئەسىرىنىڭ ئۆزى لايىھەلىگەن چېكاگودىكى «CLOUD GATE (بۇلۇت دەرۋازىسى)» ناملىق قۇرۇلۇشقا پەۋقۇلئاددە ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى، شۇڭا مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن سوتقا ئەرز سۇنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۇيغۇر ئاخبارات ۋاسىتىلىرى «چوڭ ماي كۆپۈكى» دەپ ئاتاۋاتقان مەزكۇر قۇرۇلۇش قاراماي بىرىنچى قۇدۇقى ساياھەت مەنزىرە رايونىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، تېخى تۈنۈگۈن (12- ئاۋغۇست، چارشەنبە) خىتاي مېدىياسى، قۇرۇلۇشنىڭ تاماملىنىش باسقۇچىغا يېقىنلىشىپ قالغانلىقىنى، مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ساياھەتچىلەرنىڭ كۆرگەزمە قىلىشىغا ئېچىۋېتىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان، لېكىن، قۇرۇلۇشنىڭ لاھىيەلىگۈچىسى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەنىدى. بۇ خەۋەرنى يەنە ۋول سىترىت ژۇرنال ئۆزىنىڭ مىكرو بىلوگىدىمۇ ئېلان قىلغان ۋە «چوڭ ماي كۆپۈكى» نى نېفىتلىكنىڭ سىمۋولى، دەپ تەسۋىرلىگەنىدى.

كاپۇرنىڭ «The Bean (پۇرچاق)» ناملىق سەنئەت ئەسىرى – 2006 – يىلى چىكاگودىكى ئورنىغا قويۇلغان بولۇپ، قارامايدىكى ‹چوڭ ماي كۆپۈكى› ناملىق قۇرۇلۇشنىڭ تۈنۈگۈن تارقىتىلغان فوتو سۈرىتىگە پەۋقۇلئاددە ئوخشاپ كېتىدىكەن.

كابۇر لوندوندىكى ۋاكالەتچىلىرى ئارقىلىق بەرگەن باياناتىدا، «بۈگۈن ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، مېنىڭ ئەسىرىم بىلەن پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئوخشاشلىققا ئىگە بىر نەققاشلىق ئەسىرىنىڭ خىتاينىڭ شىنجاڭ رايونى قاراماي شەھىرىدىمۇ بارلىقىنى خەۋەر قىلدى» دېيىلدى ۋە «خىتاي نۆۋەتتە باشقىلارنىڭ ئىجادىيىتىنى ئوغرىلاشنىمۇ توغرا، دەپ قارايدىغاندەك قىلىدۇ. خىتاي دائىرىلىرى بۇ خىل دەخلى – تەرۇزلارنى توختىتىش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلىشى ۋە مۈلۈك ھوقۇقىنى تولۇق تەتبىقلىشى لازىم» دېگەنلەر قەيت قىلىندى.

كابۇرنىڭ دەتالاشنىڭ پىلتىسىگە ئوت ياققان چىكاگودىكى مەزكۇر سەنئەت ئەسىرى 2011- يىلى تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەن «Source Code» ناملىق فىلىمدە چىققانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر