لوندوندا مېترو خادىملىرى ئىش تاشلىدى

لوندوندا مېترو خادىملىرى شەھەرلىك ھۆكۈمەتتىن مائاشلىرىنى ئۆستۈرۈپ بېرىش ۋە خىزمەت شارائىتىنى ياخشىلاپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ ئىش تاشلىدى.

317288
لوندوندا مېترو خادىملىرى ئىش تاشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا ھەر كۈنى 4 مىليون كىشى سەپەر قىلىدىغان مېترونىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى، كېيىنكى بىر ئاي ئىچىدە ئىككىنچى قېتىم ئىش تاشلىدى.
24 سائەتلىك ئىش تاشلاش ھەرىكىتى بۈگۈن يېرىم كېچە باشلىدى.
مېترو خادىملىرى 12-سېنتەبىردىن باشلاپ 24 سائەت مۇلازىمەت قىلىشقا باشلايدىغان 5 مېترو لىنىيەسىدە خىزمەت قىلىدىغان خادىملارنىڭ مائاشىنى ئۆستۈرۈش ۋە خىزمەت شارائىتىنى ياخشىلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلماقتا.
لوندون شەھەرلىك ھۆكۈمىتى ئەتىگەندە قاتناش قىستاڭچىلىقى يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۆيى بىلەن خىزمەت ئورنى يېقىن كىشىلەردىن پىيادە ئىشقا بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
ھەر قايسى ئۇيۇشمىلار مېترودا ئىشلەيدىغانلارنىڭ سانى چەكلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ يىل سېنتەبىردە ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغان باشقا مېترو لىنىيەلىرىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىنى خالىمايدۇ.
ئۇيۇشمىلارنىڭ تەلەپلىرىگە سوغۇق مۇئامىلە قىلىپ كېلىۋاتقان مالىيە ئىشلىرى مىنىستىرى ئوسبورن، 5 مېترو لىنىيەسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن تەقدىردە، لوندون ئىقتىسادىغا 2030-يىلغىچە 6 مىليارد سىتېرلىن كۆپ كىرىم بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر