ئىسرائىلىيە ئۈچۈن «جاسۇسلۇق» قىلغان 1 كىشى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى

غەززەدە بىر كىشىنىڭ ‹ئىسرائىلىيە ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلغانلىقى› ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

317281
ئىسرائىلىيە ئۈچۈن «جاسۇسلۇق» قىلغان 1 كىشى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىنتېرنېت سەھىپىسىدە ئورۇن ئالغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، يۇقىرى ھەربىي سوت، «ئىسرائىلىيە ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلغانلىقى» بېكىتىلگەن 30 ياشلىق ئا.ش نى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.

ئىسرائىلىيەنىڭ مۇھاسىرىسى ئاستىدىكى غەززەدە ئومۇمەن ئىسرائىلىيەنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن «جاسۇسلۇق» قىلغۇچىلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىسرائىلىيە جاسۇسلۇق ئىدارىسى ئۈچۈن ‹جاسۇسلۇق› قىلغانلىقى ئىسپاتلانغان پەلەستىنلىكلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر