قاتار تۈركىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرىشىنى قوللاپ - قۇۋۋەتلىدى

قاتار ھۆكۈمىتى يەنە، ئەرەب ئىتتىپاقى باش كاتىپى نابىل ئەل ئارابىنىڭ تۈركىيەنى ئىراقنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىق قىلغانلىقىغا قارىتا يازما بايانات ئېلان قىلىپ نازارىلىق بىلدۈردى.

316854
قاتار تۈركىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرىشىنى قوللاپ - قۇۋۋەتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ۋە دائېشقا قارشى ھەربىي ھەرىكىتىنى تولۇق قوللاپ –قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
قاتار ھۆكۈمىتى يەنە، ئەرەب ئىتتىپاقى باش كاتىپى نابىل ئەل ئارابىنىڭ تۈركىيەنى ئىراقنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىق قىلغانلىقىغا قارىتا يازما بايانات ئېلان قىلىپ نازارىلىق بىلدۈردى.
قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا «بۇ بايانات ئەرەب ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مۇزاكىرىسىگە قويۇلماستىن ۋە كۆز قاراشلىرى ئېلىنماستىن ئېلان قىلىنغان بولۇپ، قاتار چېگرا رايونلىرىنى قوغداش ۋە كېرەكلىك تەدبىرلەرنى ئېلىش جەھەتتە تۈركىيە بىلەن تولۇق ھەمكارلىق ئىچىدە بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېيىلدى.
ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ تۈركىيەنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىن بۇيان ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى تېررورلۇق تەشكلاتلىرى بازىلىرىغا قىلغان ھەربىي ھەرىكىتىنى قوللاپ - قۇۋەتلەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر