جون كېررىي ئىران مەسىلىسىدە ئىتتىپاقداشلىرىنى خاتىرجەم قىلدى

جون كېررىي ئىران بىلەن ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغاندىن كىيىن پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىدە بىخەتەرلىكنىڭ ئىشقا ئاشىدىغانلىقى ھەققىدە بىردەك پىكىرگە ئىگە بولغانلىقىنى ئېيتتى.

313967
جون كېررىي ئىران مەسىلىسىدە ئىتتىپاقداشلىرىنى خاتىرجەم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي پارىس قولتۇقى كېڭىشى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىپ ئىران بىلەن ھاسىل قىلىنغان يادرو كېلىشىمگە دائىر ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئەندىشىلىرىنى يوق قىلىشتا ئۇتۇققا ئېرىشتى.
جون كېررىي قاتارنىڭ پايتەختى دوھادىكى يىغىندىن كىيىن بايانات ئېلان قىلىپ، ئىران بىلەن ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغاندىن كىيىن پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىدە بىخەتەرلىكنىڭ ئىشقا ئاشىدىغانلىقى ھەققىدە بىردەك پىكىرگە ئىگە بولغانلىقىنى ئېيتتى.
جون كېررىي دائېشقا قارشى كۈرەش مەسلىسىنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، يالغۇز قوراللىق كۈرەش بىلەنلا دائېشنى يوقاتقىلى بولمايدىغانلىقىنى، تەشكىلاتنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ياردەم مەنبەلىرىنىڭمۇ يوق قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
جون كېررىي پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىگە قورال سېتىش نىسبىتىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خالىد بىن مۇھەممەد ئەل ئەتىييە ئىران بىلەن ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنىڭ پارىس قولتۇقىنى تېخىمۇ بىخەتەر رايونغا ئايلاندۇرىدىغانلىقى جەھەتتە بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئوخشاش پىكىرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
رايوننى يادرو قورال تەھدىتىدىن قۇتقۇزۇشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، ئىران بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىمنىڭ ئۆزىلا ئەڭ ياخشى نەتىجە بولغانلىقىنى بىلدۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر