ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىغا ھۇجۇم قىلدى

ھۇجۇمدا سۈرىيە ھۆكۈمىتى ئەسكەرلىرى بىلەن بىرىلىكتە ئۇرۇش قىلىۋاتقان 5 نەپەر مېلىتان ئۆلتۈرۈلدى.

307064
ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ئىسرائىلىيە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن سۈرىيەنىڭ جەنۇبىغا ھۇجۇم قىلدى.
ھۇجۇمدا سۈرىيە ھۆكۈمىتى ئەسكەرلىرى بىلەن بىرىلىكتە ئۇرۇش قىلىۋاتقان 5 نەپەر مېلىتان ئۆلتۈرۈلدى.
ھىزبۇللاھقا تەۋە ئەل مانار تېلېۋىزىيەسى ھۇجۇمنىڭ گولان چۇقىسى ئەتراپىدىكى ھادەر يېزىسىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنىى ئېلان قىلدى.
مانار تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىگە كۆرە، ئىسرائىليىگە تەۋە ئۇچقۇچۇسىز ئايروپىلان بىر ئاپتومۇبىلغا ھۇجۇم قىلىپ، ئاپتومۇبىلدىكى ئەسەدنى قوللىغۇچى 3 مېلىتان بىلەن 2 نەپەر ھىزبۇللاھ ئەزاسىنىڭ ئۆلتۈرگەن.
ئىسرائىلىيە ئالدىنقى دېكابىر ئېيىدىمۇ سۈرىيەگە قىلغان ھۇجۇمدا 6 نەپەر ھىزبۇللاھ ئەزاسى بىلەن بىر نەپەر ئىارنلىق گېنېرالنى ئۆلتۈرگەن ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر