ئەسەد قىسىملىرى «خلور گازى» ئىشلەتتى

ئەسەد قىسىملىرى «خىلور گازى» ئىشلىتىپ، نۇرغۇن كىشىنىڭ كېسەل بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

302886
ئەسەد قىسىملىرى «خلور گازى» ئىشلەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە بەششار ئەسەد قىسىملىرى پايتەخت دەمەشىقنىڭ شەرقىگە جايلاشقان كوبار رايونى بىلەن ئايىن تەرما رايونىدا پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلغاندا، «خىلور گازى» ئىشلەتتى.
ھۇجۇملاردا بالىلار بولۇپ نۇرغۇن كىشى خىلور گازىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى. ئالاقىدار مەسئۇللار دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنگەن كىشىلەردە نەپەس يېتىشمەسلىك، كۆز قارىچۇقلىرى كىچىكلەپ كېتىش ۋە قۇسۇشقا ئوخشاش ئالامەتلەرنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى بىلدۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر