فىرانسىيەدە چارۋىچىلار نامايىش ئۆتكۈزدى

فىرانسىيەدە چارۋىچىلار چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

346468
فىرانسىيەدە چارۋىچىلار نامايىش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەنىڭ كېن شەھىرىدە چارۋىچىلارنىڭ نامايىشى داۋاملاشماقتا.
چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن چارۋىچىلار تىراكتور ۋە يۈك ماشىنىلىرى بىلەن تاشيوللارنى قاتناشقا توسۇپ قالدى.
شىمالىي نورماندىيە رايونىدا بولسا دېھقانلار زىرائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۆۋەن بولۇپ كېتىشىگە نارازىلىق بىلدۈردى.
ھۆكۈمەتنى مال باھاسىنىڭ قالايمىقان بولۇپ كېتىشىگە چارە كۆرمەسلىك بىلەن ئەيىبلىگەن نامايىشچىلار، مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىگە تاللا بازارلىرىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
نامايىشلارنىڭ داۋاملىشىشىغا قارىتا، فىرانسىيە يېزا-ئىگىلىك مىنىستىرى بۇ مەسىلە ئۈستىدە كېڭەش ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن نامايىشچىلارنى پارىژغا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەكلىپ قىلدى.
فىرانسىيە پىرىزىدېنتى فىرانسۇا ئولاند ھەپتە ئاخىرى بايانات بېرىپ فىرانسىيەنىڭ يېزا-ئىگىلىكى ۋە چارۋىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تىگىشلىك ياردەملەرنىڭ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
ئولاند تاللا بازارلاردىكى ئېكسپورت قىلىنغان گۆشلەرنىڭ يەرلىك گۆشلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئەزان بولغانلىقتىن، ئىستېمالچىلارنىڭ ئېكسپورت قىلىنغان گۆشلەرگە يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
يېزا-ئىگىلىك ساھەسىدە مۇھىم دۆلەتلەردىن بىرى بولغان فىرانسىيەدە چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىنىڭ تۆۋەن بولۇشىنىڭ تەخمىنەن 22 مىڭ چارۋىچىغا زىيان بېرىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر