بېيجىڭ: ئۇيغۇر قاچقۇنلار خىتايغا قايتىپ جىھاد قىلىشنى ئويلايدۇ

خىتاي دائىرىلىرى، جەنۇبىي شەرقىي ئاسىيا ئارقىلىق قاچقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتىپ جىھاد قىلىش مەقسىتى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

345403
بېيجىڭ: ئۇيغۇر قاچقۇنلار خىتايغا قايتىپ جىھاد قىلىشنى ئويلايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۈگۈن (چارشەنبە) بايانات بېرىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئارقىلىق تۈركىيەگە قاچقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتىپ جىھاد قىلىش مەقسىتىدە سۈرىيە ۋە ئىراقتا ھەربىي تەلىم – تەربىيە ئالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، مەزكۇر ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىقى ئىرقىي كەمسىتىش ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنى - ئېتىقاد ۋە مەدەنىيەتلىرىگە قويغان چەكلىمىلىرى تۈپەيلى ئۇيغۇر ئېلىدىن قاچىدىغانلىقىنى قەيت قىلىشىدۇ.

ئۆتكەن ئۈچ يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا قالايمىقانچىلىق ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ، يۈزلەرچە ئادەم ئۆلدى. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى، ۋەقەلەرنىڭ جاۋابكارىنىڭ ئاشقۇن ئىسلامچىلار ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» نىڭ رايوندىن قوللىغۇچىلارنى تېپىپ، قايتىپ كېلىپ خىتايدا جىھاد قىلىش مەقسىتىدە ئوتتۇرا شەرققە مەشىق قىلىشقا ئەۋەتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. مىنىستىرلىق رويتېرز خەۋەر ئاگېنتلىقىغا يوللىغان باياناتىدا، «ئاشقۇن تېررورچىلار دۆلەتتىن قانۇنسىز چىقىپ كېتىش ئۈچۈن، خىتاي چېگراسى ئىچىدە تەرتىپكە سېلىنىدۇ ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئارقىلىق تۈركىيەگە، ئۇ يەردىن ئودۇللا سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى ‹جىھاد› دەپ ئاتىشىدىغان يەرگە بارىدۇ، تېررورلۇق تەلىم – تەربىيەسى ئېلىپ، قايتىش ۋاقتىنى كۈتۈپ ياتىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا يەنە، «بۇ پەقەت خىتاينىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان سېلىپلا قالماستىن، مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ بىخەتەرلىكىگىمۇ خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ باياناتى، خەلقئارا جەمئىيەت تايلاند قايتۇرۇپ بەرگەن 109 ئۇيغۇرنىڭ سالامەتلىكىدىن ئەنسىرەۋاتقان، شۇنداقلا خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار قاراشلىرىنى تەكىتلەش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان بىر پەيتكە توغرا كەلدى.

تايلاندنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى خىتايغا قايتۇرۇۋېتىشى كۆپ ساندا ئۇيغۇر ياشايدىغان تۈركىيەدە كۈچلۈك نارازىلىق پەيدا قىلدى.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇلارنىڭ قايتۇرۇلغاندىن كېيىن ناچار مۇئامىلىگە دۇچار بولۇشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر