مالىدا تىنچلىق ساقلاش قىسمى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
مالىدا قوراللىق بىر گۇرۇپپىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىق ساقلاش قىسمىغا ئائىت ئاپتوموبىللارغا ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە كەم دېگەندە 6 ئەسكەر ئۆلگەن، 5 ئەسكەر يارىلانغان.
331174
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى تىمبۇكتۇ رايونىدا تۇزاق قۇرغان قوراللىق بىر گۇرۇپپا، تىنچلىق ساقلاش قىسمىغا ئائىت 2 ئاپتوموبىلنى ئوققا تۇتقان. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بان كىمون ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى ھەمدە جاۋابكارلارنىڭ دەرھال جازالاندۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلدى. مالىدا ئۆتكەن ھەپتىمۇ تىنچلىق ساقلاش قىسمى نىشان قىلىنغان ھۇجۇمدا 3 ئەسكەر يارىلانغانىدى. دۆلەتنىڭ شىمالىدىكى قوراللىق گۇرۇپپىلار بىلەن ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدا ئۆتكەن ئاي ئىمزالانغان تىنچلىق كېلىشىمىگە قارىماي ھۇجۇملار داۋاملاشماقتا.