ئەرمېنىيەدە خەلق ھۆكۈمەتكە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزدى

ئەرمېنىيەدە خەلق توك باھاسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

315055
ئەرمېنىيەدە خەلق ھۆكۈمەتكە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرمىنىيەنىڭ پايتەختى ئەرىۋاندا ھۆكۈمەتنىڭ توك باھاسىنى ئۆستۈرۈش قارارىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
ئەرمنىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 1-ئاۋغۇستتىن باشلاپ توك باھاسىنىڭ 22% ئۆستۈرۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشىدىن كېيىن پايتەخت ئەرىۋان ھۆكۈمەتكە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىشلارغا سەھنە بولدى.
شەھەر مەركىزىگە يىغىلىۋالغان تەخمىنەن 5000 كىشى يوللارنى قاتناشقا توسۇپ قويدى. پىرىزىدېتنلىق سارىيىغا يۈرۈش قىلغان نامايشىچىلارغا ساقچىلار مۇداخىلە قىلدى.
ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش يۈز بەردى. توك باھاسىنىڭ ھازىرمۇ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، خەلقنىڭ زور ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن نامايىشچىلار، ھۆكۈمەتنىڭ بۇرۇنراق قارارىدىن ۋاز كېچىشىنى تەلەپ قىلماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر