مالىدا ئاخىرى تىنچلىق كېلىشىمنامىسى ئىمزالاندى

مالىدا مەركىزى ھۆكۈمەت بىلەن بۆلگۈنچى كۈچلەر تىنچلىق كېلىشىنامىسى ئىمزالىدى.

311982
مالىدا ئاخىرى تىنچلىق كېلىشىمنامىسى ئىمزالاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن مالىدا بۆلگۈنچى تاۋرېگ كۈچلىرى مەركىزى ھۆكۈمەت بىلەن تىنچلىق كېلىشىمنامىسى ئىمزالىدى.
ماي ئېيىدا يەنە بىر بۆلگۈنچى كۈچلەر تەرىپىدىن ئىمزالانغان تىنچلىق كېلىشىمنامىسىگە قاتناشمىغان ئازاۋاد كۈچلىرى، بىر ئاي داۋاملاشقان سۆھبەتلەردىن كېيىن تىنچلىق كېلىشىمنامىسىگە ئىمزا قويۇشنى قوبۇل قىلدى.
ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى بۇ تىنچلىق كېلىشىمنامىسىنىڭ ئىجابىي تەرەققىيات ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق بۇنىڭ ماددىلىرىنىڭ مالىدا ئاسايىش بەرپا قىلىشقا يەتمەيدىغانلىقىنى قەيت قىلىشتى.
2012-يىلى بۆلگۈنچى تاۋرېگ كۈچلىرىنى بېسىقتۇرماقچى بولغان گېنېراللار ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغانىدى، نەتىجىدە مالىنىڭ چەت رايونلىرىدا ئەل قائىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى مەيدانغا كەلگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر