فىلىپپىندىكى قورال تاشلاش ئىشلىرىنى تۈركىيە ئەلچىسى نازارەت قىلى

فىلىپپىندە تەخمىنەن 40 يىل داۋام قىلغان ۋە 120 مىڭ ئادەمنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان ئىچكى ئۇرۇش ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرماقتا.

302195
فىلىپپىندىكى قورال تاشلاش ئىشلىرىنى تۈركىيە ئەلچىسى نازارەت قىلى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2014-يىلى 27-مارت فلىپپىن ھۆكۈمىتى بىلەن «باڭسامورو تىنچلىق كېلىشىمى» ئىمزالىغان مورو ئىسلامىي ئازادلىق فىرونتى (MİKC) قورال تاشلاشقا تەييارلاندى. فىلىپپىن ھۆكۈمىتى بىلەن مورو ئىسلامىي ئازادلىق فىرونتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، قورال تاشلاش باسقۇچىنىڭ 16-ئىيۇندا باشلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
ھۆكۈمەت مۇزاكىرىچىسى مىرىيام كورونېل فېرىر دەسلەپكى قەدەمدە بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىمدا، مورو ئىسلامىي ئازادلىق فىرونتىدىن 145 ئادەمنىڭ بەزى قوراللارنى تاپشۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇ مۇراسىمغا، پىرېزىدېنت بېنىڭنو ئاكىيۇنو ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قاتنىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بۇ قورال تاشلاش مۇساپىسىنىڭ باشلىنىشى ھېسابلىنىدۇ. مورو ئىسلامىي ئازادلىق فىرونتى تىنچلىقنى قوغداشتا ئۆزىنىڭ سەمىمىي ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشنى خالايدۇ» دېدى.
قورال تاشلاش مۇساپىسىنى فىلىپپىندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچى ھايدار بەرك رەھبەرلىكىدىكى مۇستەقىل ھەيئەت نازارەت قىلىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر