ھەرئاي 1000 دىن ئارتۇق دائېش ئەزالىرى ئۆلتۈرۈلمەكتە

باياناتتا، ھاۋادىن قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە دائىشنىڭ كەڭ كۆلەملىك نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش ئىمكانىيەتلىرىنىڭمۇ يوق قىلىنغانلىقى، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە تەشكىلاتقا قارشى ئۇرۇشتا يەرلىك كەچلەرنىڭ غەلىبە قىلىشىغا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

294147
ھەرئاي 1000 دىن ئارتۇق دائېش ئەزالىرى ئۆلتۈرۈلمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى، ھاۋا ھۇجۇمىدا ھەر ئاي 1000 دىن ئارتۇق دائېش ئەزالىرنىڭ ئۆلتۈرۈلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئىتتىپاقداش ئارمىيەنىڭ دائېشقا قارشى نەتىجىلىك ھۇجۇملارنى قىلىش بىلەنلا كۇپايە قىلماستىن، ئۇرۇش مەيدانلىرىدىكى ھەر بىر غەلىبىدىمۇ زور تۆھپىلىرى بارلىقى قەيت قىلىندى.
باياناتتا، ھاۋادىن قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە دائىشنىڭ كەڭ كۆلەملىك نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش ئىمكانىيەتلىرىنىڭمۇ يوق قىلىنغانلىقى، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە تەشكىلاتقا قارشى ئۇرۇشتا يەرلىك كەچلەرنىڭ غەلىبە قىلىشىغا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا يەنە دائېشنىڭ بارغانچە تېخىمۇ كۆپ خەلق نۇپۇسىنىڭ ئىچىگە سېڭىپ كېتىۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ، تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ جامە ۋە مەكتەپكە ئوخشاش جايلارنىڭ ئەتراپىنى ماكان تۇتۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر