يەمەندە تىنچلىق ئۈمىدى تۇغۇلدى

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ ھۇسىيلارغا قاراتقان ھاۋا ھۇجۇملىرى ئۇدا 70 كۈندىن بۇيان ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان يەمەندە تىنچلىق ئۈمىدى تۇغۇلدى.

293589
يەمەندە تىنچلىق ئۈمىدى تۇغۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەتنىڭ كۆپ قىسمىنى قولغا كىرگۈزگەن ھۇسىيلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇلى زەيفۇللاھ شامى، جەنۋەدە 14 – ئىيۇن كۈنى ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى پىلانلىنىۋاتقان ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قوللاۋاتقان تىنچلىق مۇزاكىرىلىرىگە شەرتسىز ئىشتىراك قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
يەمەندىكى ئىچكى ئۇرۇشتا ئەڭ كۈچلۈك قانات ھېسابلىنىدىغان ھۇسىيلار، ئۇدا ئىككى ئايدىن بۇيان ئەرەب ئەللىرى ئارمىيەلىرىدىن تەشكىل تاپقان ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىغا دۇچ كەلمەكتە.
سەئۇدى ئەرەبىستان ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن دۆلىتىدىن قېچىشقا مەجبۇر بولغان پىرېزىدېنت ئەبدە رەببە مەنسۇر ھادىنىڭ ۋەزىپىسىگە قايتىشىنى تەلەپ قىلماقتا. ھۇسىيلار بولسا بۇنىڭغا قارشى چىقماقتا. جەنۋەدە ئۆتكەن ئاي ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى پىلانلانغان تىنچلىق مۇزاكىرىلىرى ھۇسىيلارنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىنى توختىتىشنى شەرت قوشۇشى سەۋەبدىن كېچىكتۈرۈلگەنىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇرەسسەچىلىكىدىكى توقۇنۇشلارغا خاتىمە بېرىش نىشان قىلىنغان ئاخىرقى قېتىملىق مۇزاكىرە بولسا بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا سەنئادا ئىشقا ئاشۇرۇلغانىدى. بۇ مەزگىلدە ھۇسىيلار پىرېزىدېنت ھادىنى ئۆي نازارىتىدە تۇتۇۋاتاتتى. مۇزاكىرىلەر پىرېزىدېنتلىق كېڭىشى، پارلامېنت ۋە ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى نىشان قىلاتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر